خىتاينىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 'شىنجاڭغا ياردەم بېرىش' دېگەن نام بىلەن كۆپلەپ زىيالىي ئەۋەتمەكتە

خىتاينىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى ھازىر 'شىنجاڭغا ياردەم بېرىش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كۆپلەپ زىيالىي ئەۋەتمەكتە.

شىخۇا خەۋەر تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل غەربنى ئېچىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دېگەن نام بىلەن شىنجاڭغا ئەۋەتىشكە پىلانلانغان 908 نەپەر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 201 ى بۈگۈن جېڭجۇدىن 179 ‏ - قېتىملىق پويىز بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. بۇلار 16 ناھىيىدە مائارىپ، سوت، تەپتىش ساھەلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى 5 تومىدا يېزىلىشىچە، ماۋزېدوڭنىڭ تىبەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مەخپىي يوليۇرۇقىدا 'شىنجاڭدا بىر نەچچە تۈمەن خىتاي بار، تىبەتتە تېخى يوق' دەپ ئاشكارىلىغان. كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى 1949 ‏ - يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن 'ياردەم بېرىش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي نوپۇسى ھازىر 10 مىليوندىن ئاشتى.