خەرىتىنىڭ "خېنەنلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگو خەرىتىسى"، " بېيجىڭلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگو خەرىتىسى" ۋە " شاڭخەيلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگو خەرىتىسى" ماۋزۇلۇق ئۈچ خىل نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىدە "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دېگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتىشى بىردەك ھالدا "يانچۇقچىلار ماكانى" " يانچۇقچىلار" دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان مەلۇم بىر تور بەتتە يېزىلىشىچە، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەكتەپ ئورگانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەزكۇر تور بەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھاقارەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. بۇ خىل قانۇنسىزلىق ئەھۋالى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.
ئەلۋەتتە، مەزكۇر خەرىتىلەردە بىر قىسىم ئۆلكىلەرمۇ ھاقارەت قىلىنغان. مەسىلەن "بېيجىڭلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگو خەرىتىسى" دە شەرقي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە " پاھىشىلەر ماكانى" دەپ ئاتالغان.
خىتايچە تور بەتلەرنى دائىم كۆرىدىغان ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتاي تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى ھاقارەت قىلىدىغان ئەشەددىي سۆز - ئىبارىلەر يامراپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتايچە تور بەتلەر بۇنداق ھاقارەتلەرنى خالىغانچە ئېلان قىلالايدۇ. بىراق، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ھەربىر سۆز - جۈملىلەرنى تەكشۈرۈپ، مەزكۇر تور بەتلەرنى كېچە - كۈندۈز كۆزىتىدىغان ئىنتېرنېت ساقچىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئۆزلىرىگە ياقمايدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئېلان قىلدۇرمايدۇ ھەمدە ئۇنى بىلىۋالغان ھامان بۇ تور بەتلىرىنى تاقايدۇ ۋە ئىگىلىرىنى جازالايدۇ. ئەمما ئۇلار خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھاقارەتلەرگە كۆز يۇمۇۋالماقتا.