شىنجاڭ ساقچى-ئەدلىيە مەكتىپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى


2007.09.23

"شىڭداۋ" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى مەكتىپىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر قانچە ئون كىشى ئېغىر يارىلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، توقۇنۇش تىنچلاندۇرۇلغان بولۇپ، توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى تەرەپ كالتەك، تۆمۈر قاتارلىق ھەر خىل نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ئۇرۇشقان. ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، بىراق سەۋەبنىڭ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىۋاتقان بېسىمىنىڭ ئاخىرى پارتلاش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

بۇ مەكتەپتە ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە، شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى مەكتىپى ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئەدلىيە مەكتىپى بىلەن ساقچى مەكتىپىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچى ئوفىتسېرلار ۋە ئەدلىيە خادىملىرىنى تەربىيىلەيدىغان بىردىن بىر ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خوڭكوڭدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ھەرىكىتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جېدەل ئىككى قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئاشخانىدا ئۇرۇشۇپ قېلىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، ساقچىلار بۇ ئىككى قىزنى ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى تۇتۇپ كەتكەن ئىكەن. بۇ توقۇنۇشتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. لېكىن، مەكتەپ دائىرىلىرى بۇنى ئىنكار قىلغان، ئەمما پەقەت يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭدەك ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى بۇ توقۇنۇشنىڭ ساقچى ئىشلىتىپ باستۇرۇش دەرىجىسىگە يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىدا ساقچى ۋە ئەدلىيە مەكتىپىدە يۈز بەرگەن بۇ خىل توقۇنۇش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر قىلىنمىغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار قامال قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر بۇ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلار سىرتقا تارقىلىپ كەتكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.