خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.06.11
2008.06.11
ئۆتكەن ھەپتىدە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى مەركەزنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن خىزمىتى ھەققىدىكى سىياسىتىنى ياخشى ئىجرا قىلمىدى دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا، بولۇپمۇ مىللەتلەر ۋە دىن خىزمىتى جەھەتتە جىددىي ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مەركەزگە ئىنكاس قىلىشنى ۋە دۆلەت كابىنىتىنىڭ ئۇنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلغان.









