ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي خرىستىئان مۇرىتى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەندى

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسى چىڭسىخوزا بازىرىدىكى، تونۇلغان خىتاي خرىستىئان دىن تارقاتقۇچىسى لۇ يۇەنچىنى بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەب قولغا ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.20

 مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تىكساس شتاتىدىكى خىتايغا ياردەم جەمئىيىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لۇ يۈەنچى 16‏ - ماي كۈنى ئەتىگەن، چىڭسىخوزا ساقچى ئىدارىسىدا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، قورغاس ناھىيىلىك تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لۇ يۈەنچى بۇندىن بۇرۇنمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 2006‏ - يىلى 10‏ - ئاينىڭ 20‏ - كۈنى 3 خرىستىئان مۇرىتى بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنىپ، ساقچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈرمىدە گۇندىپايلار ۋە مەھبۇسلار تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان. 2008‏ - يىلى 28‏ - فېۋرال كۈنى بولسا، لۇنىڭ قىزى 10 كىچىك بالا بىلەن بىرگە، يوشۇرۇن ئىبادەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ساقچىلار ئۇلارنى بىر كۈن تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن

بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئىككىنچى قېتىم بىر خرىستىئان دىن تارقاتقۇچىسىنى، بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن بۇرۇن ئالىمجان ھېمىت ئىسىملىك بىر خرىستىئان دىن تارقاتقۇچىسى بۆلگۈنچىلىك ۋە چەتئەللىكلەرگە ئىشپىيونلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى. 27‏ - ماي كۈنى قەشقەر شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدە ئالىمجان ئۈستىدىن سوت ئېچىلماقچى.

لۇ 2006‏ - يىلى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغاندا 32 كۈن تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. خىتايغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لۇ يۇەنچىنىڭ بۇ قېتىم بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى، ئۇنىڭ قاتتىق بىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.