د ئۇ ق خىتاينى، " ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالماقتا،" دەپ ئەيىبلىدى
2007.12.18
سەيشەنبە كۈنى رادىئومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا مەخسۇس بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت " خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەتنى يەنىمۇ سىستېمىلىق ھەم پىلانلىق ھالدا كۈچەيمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىننىي ئەركىنلىك ھەم مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە قىلىۋاتقان توسقۇنلۇق ھەم كونترول قىلىش ھەرىكىتىنى توختۇتۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمىز،" دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا،خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا يېزىلاردا "ئون ئائىلىگە بىر باشلىق" دېگەن نامدا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان بولۇپ، خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىلا 5796 كىشى مۇشۇ خىل ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.
ئون ئائىلىگە نازارەتچى بولغان ھەر بىر باشلىقنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا ئۆزىنىڭ نازارەت دائىرىسىدىكى ئون ئائىلىنىڭ دىننىي پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلىدە دىننىي تەشۋىقات ھەم مەتبۇئات بويۇملىرىنى ساقلىشىنى، قالايمىقان دىننىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى بولۇپمۇ دائىرە ئاتلاپ دىننىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ھەمدە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇ ھەقتە ئەھۋال بايقىسا مەلۇم قىلىش ئىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ كونترول ئىلىش ھەم توسۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل يېڭى تۈزۈم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا " خىتاينىڭ ھېچقانداق يېرىدە مەۋجۇت بولمىغان ھەتتا خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا رەھبەرلىك سىستېمىسىغىمۇ ئۇيغۇن بولمىغان "ئون ئائىلىگە بىر باشلىق" دېگەندەك غەيرى رەھبەرلىك سېستىمىسى يۈرگۈزۈشى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي ھەم مىللىي ئۆرۈپ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز،" دەپ جىددى تەلەپپۇزدا نارازىلىقىنى بىلدۈردى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى باي ناھىيىسى سەلىم يېزىسىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا
- ۋۇ باڭگۋو، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى باستۇرۇشتا ياردەم بەرگەن ئۆزبېكىستانغا رەخمەت ئېيتتى
- ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئەرزدارلار باستۇرۇلماقتا
- خىتاي : ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- ۋاڭ لېچۈەن، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا يەنە سايلاندى
- ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەردىكى " قارا كۈچ" گۇرۇھلارنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلماقتا
- خىتاي، 1 - ئۆكتەبىردە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشقا دۇچ كېلىدۇ
- ئۈرۈمچىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 300 نەپەر ئادەم "3 خىل كۈچ" جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان
- خىتاي دۆلەت كابىنتى "شىنجاڭ مەسىلىسى" توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىردى