خىتاي بۈگۈن 'تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش' نى يەنە كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.16
2008.07.16
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يېقىندىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان ئەربابلارنى، غەربىي شىمالدىكى مۇسۇلمانلارنى ۋە باشقا جايلاردا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى 'تېررورلۇق تەھدىت' دېگەن بەتنام بىلەن تۈرمىگە ئېلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئولىمپىكنى ئۇيۇشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتچىسى سۈن ۋېيدﯤ بۈگۈن 'بۇنداق ئەيىبلەشلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق، شەرقي تۈركىستان ھەرىكىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ بېكىتكەن، بىز بۇنداق چوڭ ئولىمپىكنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەنئەنىۋىي ياكى ئەنئەنىۋىي بولمىغان ھەر ئىككى خىل تېررورلۇق تەھدىتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىمىز خالىغاننى قىلىۋېرىمىز' دەپ جاكارلىدى.
ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' ئۆزى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 12 تېررورلۇق گۇرۇھنى تارمار قىلغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىپ 'ئولىمپىككە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان' دەپ 5 كىشىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى، 8 كىشىنى 'جىنايەت گۇماندارى' دەپ قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئەمما بۇلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل - پاكىتنى كۆرسەتمىگەن ئىدى.









