ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆز - ئارا قوشۇۋىتىلگەن مىللىي ۋە خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ سانى 700 ئاشتى
جۇڭگو دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇنىڭدىن كېيىن مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1 - سىنىپتىن باشلاپ ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۆز ئارا قوشۇۋىتىلگەن مىللىي ۋە خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ سانى 2006 - يىلغىچە 707 گە يېتىپ بارغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ ئەمەلدارى پېڭ شيەنۋېينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، بۇ " مىللىي مائارىپنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىت ياراتماقتا". ئۇ، مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ۋە مىللىي ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپىدىغان " ئارىلاشما سىنىپلار"نى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن بۇنىڭ ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پېڭ شيەنۋېي، "باشلانغۇچ ۋە يەسلى مائارىپىنى ياخشى ئېلىپ بارغاندا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ھەل قىلغان بولىمىز. شۇنداقتا بىز ئارىلاشما سىنىپلارنى بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ يولغا قويالايمىز" دەيدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى 100 يىللىق ئىستراتېگىيىلىك پىلان، دەپ تەرىپلىگەن. لېكىن بۇ سىياسەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ پىلان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەد قىلغان، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە
- ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە خىتاي تىلى ئۆگىتىش خىزمىتىنى ئىزچىل تۈردە كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى
- جياڭسۇ "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى
- خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار خىتاي تىلى مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنماقچى
- ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى 100 يىللىق زور پىلان، دېدى