خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2006 - يىلى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلار سانى 2005 - يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيگەن.
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھىرىدىكى دىئالوگ فوندى تەشكىلاتى خىتايدا يېڭىلا نەشر قىلىنغان ھۆكۈمەت مەجمۇئەسىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ " 2006 - يىلى بىر يىلدا خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن دېگەن جىنايەت بىلەن 604 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 561 ىنىڭ دېلوسىنىڭ خىتاي سوتى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى" نى بىلدۈرگەن.
دىئالوگ فوندى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۈر دىلولار ئىچىدىكى ئاز بىر قىسىم دىلولار خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئاشكارا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 90 پىرسەنت دېلونىڭ جىنايەتچىلىرىدىن تاشقى دۇنيا خەۋەرسىز ئىكەن. دىئالوگ فوندى تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ 2006 - يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن ۋە ياكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئالغان ئادەم سانى 2002 - يىلىدىن بۇيان قولغا ئالغان ئادەم سانىغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ بىر يىل ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي جىنايەت ئارتىپ قولغا ئالغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇ ساننى مەخپىي تۇتۇپ كەلمەكتە . خىتاي بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى. بىراق ھازىر رابىيە قادىر خانىم دېموكراتىك ئەللەرنىڭ، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشكەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى دۇنيا نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى دەپ تەرىپلەنمەكتە. (ئەقىدە)