خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايىتى دائىرىلىرى بىر ئۇيغۇرغا چەتئەللىكلەرگە ياردەملەشتى دەپ جازا ھۆكۈم قىلدى
2007.12.05
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش كومىتېتى 11 - ئايدا، '2007 - يىل 94 - نومۇرلۇق' قارار چىقىرىپ، خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ( ئەسلى يۇرتى قارىقاش زاۋا) ئوسمان ئىمىنگە ئىككى يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى ھۆكۈم قىلغان. ئوسمان ئىمىن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن، 1998 - يىلى كادىرلىقتىن ئىستىپا بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىدا ئوسمان ئىمىنگە، شىنجاڭ تىنچ ئوكيان يېزا ئىگلىك مەنبەلىرىنى ئېچىش شىركىتىنىڭ لوپ ناھىيىسىدىكى شۆبىسىدە ئىشلىگەندە، چەتئەللىكلەرنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە ياردەملەشكەن، دېگەن جىنايى نام ئارتىلغان. ئەمما ئۇنىڭ پاكىتلىرى بايان قىلىنمىغان.
ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدىكى 'ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى' دېگەن تەشكىلات 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'شىنجاڭ تىنچ ئوكيان يېزا ئىگلىك مەنبەلىرىنى ئېچىش شىركىتىنىڭ لوپ ناھىيىسىدىكى شۆبىسىنىڭ خوجايىنى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى بولغاچقا، ئۇنى يەرلىك دائىرىلەر 'دىنىي سىڭىپ كىرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى' دەپ چېگرىدىن چىقىپ كېتىش بۇيرۇقى ئېلان قىلغانلىقىغا ۋە مەزكۇر شىركەتتە ئىشلىگەن ئۇيغۇر ئوسمان ئىمىننى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان خرىستيان' دەپ ئىككى يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بۇ يىل خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنى ئەڭ كۆپ قولغا ئالغان يىلى
- گوللاندىيە مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىدى
- ئالبانىيىدىكى بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى - ئادىل ھاكىم شىۋېتسىيىگە كېلىپ قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- خىتاينىڭ ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا تۇرۇشلۇق سابىق خادىمى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- رابىيە قادىر قەشقەردىكى ئۆلۈم جازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- خىتايدا يەر - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تۈرمىدە قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان
- قۇربان سەيپىدىن 13 يىلدىن بېرى ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى جازالىتالمىدى
- خىتاي ئالىي سوتى يەرلىك سوتچىلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە سوغۇققان بولۇشىنى تەلەپ قىلدى
- ھۆسەيىن جېلىل قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدى
- ياڭ جيەنلى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش ۋە ئەركىنلىكنى توسۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى
- يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى گۇئەنتانومو ھەربىي لاگىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى