خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى كۆپەيتتى
2005.08.17
يېقىندا خىتاي دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى 2005 - يىلىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، بۇ يىل قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئۆتكەن يىلدىكى 2000 دىن 3115 كە ئاشۇردى. شۇنداقلا ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن تىزىملاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشقان.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 2000 - يىلى باشلانغان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي ۋە نەنجىڭ قاتارلىق 12 شەھىرىدە ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىلدىكى كېڭەيتىش پىلانى بويىچە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئېچىلغان شەھەرلەر 12 دىن 25 كە كۆپەيتىلگەن.
شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى ئېچىلىپ ھازىرغىچە بولغان 5 يىل ئىچىدە، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە جەمئىي 6600 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ بولغان. خىتاي دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى، بۇ سىنىپلارنى يەنە داۋاملىق كۆپەيتىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا 2007 - يىلىغا كەلگەندە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى 5000 غا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا نارازى بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالى ۋە كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ خىتاينىڭ مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)









