خىتايدا ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان تور بەتلىرى ھېلىمۇ ئېچىلمايدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىكى جەريانىدا خەلقئارادا كەڭ تارقىلىدىغان بىر قىسىم چەتئەل تور بەتلىرىنى چەكلەشنى توختاتقان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-08-27
Share

 مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ خوڭكوڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك جەريانىدا ئېچىۋەتكەن بىر قىسىم تور بەتلىرى ئولىمپىكتىن كېيىنمۇ خوڭكوڭدا ھېلىمۇ ئوچۇق. ئۇنى خالىغانچە ئېچىپ كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمما شىنجاڭ ۋە تىبەت مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار سەزگۈر خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر بار بەتلەر يەنىلا ئېچىلمايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە تارىخ ۋە رېئال مەسىلىلەرنىڭ مۇنازىرە قىلىنىشى چەكلەنگەن، خەلقنىڭ تېلېفون ئالاقىلىرى ھېلىمۇ قاتتىق تەقىپ ئاستىدا.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت