خىتايدا ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان تور بەتلىرى ھېلىمۇ ئېچىلمايدۇ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.27
2008.08.27
مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ خوڭكوڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك جەريانىدا ئېچىۋەتكەن بىر قىسىم تور بەتلىرى ئولىمپىكتىن كېيىنمۇ خوڭكوڭدا ھېلىمۇ ئوچۇق. ئۇنى خالىغانچە ئېچىپ كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمما شىنجاڭ ۋە تىبەت مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار سەزگۈر خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر بار بەتلەر يەنىلا ئېچىلمايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە تارىخ ۋە رېئال مەسىلىلەرنىڭ مۇنازىرە قىلىنىشى چەكلەنگەن، خەلقنىڭ تېلېفون ئالاقىلىرى ھېلىمۇ قاتتىق تەقىپ ئاستىدا.









