خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر قىزلىرى كىشىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياش قىز - چوكانلارنى خىتاي ئۆلكىسىدىكى زاۋۇت ‏- كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى، نۆۋەتتە يالغۇز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا غۇل - غۇلا قوزغاپلا قالماستىن بەلكى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدە، بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىدە خىتاي ئۆلكىسىدىكى بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن ۋەقە بايان قىلىنغان. ۋەقەدە زاۋۇت ئاشخانىسىدا خىتاي ئاشپەزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى ئۈچۈن تاماق ئېتىدىغانلىقى، گەرچە ئىشچى قىزلارغا بېرىلىدىغان مۇئاش بىر ئايدا 530 يۈئەن دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئامما مائاشنىڭ ۋاقتىدا تارقىتىلماي نېسىگە قالدۇرۇلغانلىقى، ئەگەر خىتاي شەھىرىدە خىزمەت قىلىشقا قوشۇلمىسا كەلگۈسىدە توي خېتى بەرمەسلىك، ھاشارغا ئەمگەككە سېلىش، قانۇنلۇق يەرلەرنى تارتىۋېلىش شەرت قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن سىرت، ھەتتا قىزلارنىڭ ئاتا ‏- ئانىلىرى بىلەن تېلېفۇندا سۆزلىشىشىمۇ چەكلەنگەن ھەمدە سىرتتىن تېلېفۇن كىرسە ئاۋاز چىقمايدىغان قىلىپ قويغان، قىزلار بۇنىڭغا ئوخشاش خورلۇقلاردىن قاتتىق ئازابلانغان.

بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان كىشىلەر، ئۇيغۇر قىزلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئەھۋالنى ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىپ، قىزلارنىڭ خىزمەت ئىشلەش ۋاقتى، تۇرمۇشى قاتارلىقلار ئۈستىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلپ بېرىش ھەققىدە جامائەت پىكىرى توپلاشنى ئويلاشقان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىدى، ئۇيغۇرلارنى ئاسسمىلىياتسىيە قىلىش ۋە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئەر ‏- ئايال نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى تەڭشەش سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلىشماقتا. (ئەقىدە)