خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە توشۇلغان قىزلار چەت يېزىلاردىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان


2007-04-06
Share

يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە نىمكار ئىشلەشكە ئۈزلۈكسىز توشۇپ كېتىلىۋاتقان ئىدى. بۇ قىزلار ئىچىدە خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە توشۇلغانلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەپ كەلگەن.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى كۆپىنچە زاۋۇتلار يېزىلارغا جايلاشقان ئىكەن. قەشقەر ھۆكۈمەت تورىغا بېرىلگەن 4 ‏-ئاپرىلدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پىڭخۇ جىنپىڭ كىيىم-كېچەك شىركىتىگە يېڭىسار ناھىيىسىدىن 186 قىز ئېلىپ بېرىلغان. بۇ كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئۇيغۇر قىزلارنى ماختاپ "بۇ بالىلار جاپا تارتىشتىن باش تارتمايدىغان، چىداملىق قىزلار ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ئىشچى ئېلىپ كېلىپ توغرا قىپتىمەن" دېگەن.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە، پىڭخۇ جىنپىڭ كىيىم-كېچەك شىركىتى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى پىڭخۇ شەھىرى ساۋچىياۋ (پاخال كۆرۈك) يېزىسى توڭجىيې كەنتىگە جايلاشقان ئىكەن.

يېڭىسار ناھىيىسىدىن يۆتكەلگەن بۇ بىر تۈركۈم قىزلار 3-ئاينىڭ 25- كۈنى مەزكۇر زاۋۇتقا كېلىپ ئورۇنلاشقان. بۇ قىزلارنىڭ ئايلىق مائاشى 600 يۈەن قىلىپ بەلگىلەنگەن. لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدە كۆرۈلگەن بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا خىتاي ئۆلكىسىگە ئىشقا تۇتۇلغان نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئىش ھەققى نېسى قالدۇرۇلغان.

خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەش جەريانىدا كېسەل بولۇپ ئۆيىگە قايتىشقا تەمشەلگەن قىزلارغا ئۇلار: "بىز سەنلەرنى توشۇپ ئېلىپ كېلىپ چىقىمدار بولدۇق. شۇ چىقىملارنى تۆلەش" دەپ ترانسپورت ھەققىنى تۆلەتكەن. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت