خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يەنە 100 مىڭ كىشىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكچى


2007.02.06

ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2007 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە 100مىڭ نامرات دېھقاننى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بېكىتكەن.

بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 350 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ كىيىمىنى پۈتۈن، قورسىقىنى توق قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ 2 - فېۋرال كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانا مۇدىرلىرى يىغىنىدا، 2007 - يىلى بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 400 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى تەربىيىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇنىڭدا كەسىپلەشتۈرۈش ھەمدە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەشنى زىچ چۆرىدەپ، بۇ بىر يىلدا يەنە 100مىڭ نامرات دېھقاننى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىرتقا يۆتكەشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسلىق تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى شۇنداقلا رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەر خوتەن، ئىلى قاتارلىق جايلارنىڭ ناھىيە يېزىلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ نامراتلارنى يۆلەش دېگەن باھانە بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر يېزىلىرىدىدىكى بولۇپمۇ 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان قىزلار توي قىلمىغان بولۇش، چىرايلىق بولۇش دېگەندەك شەرتلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ ئېلىپ كېتىلگەن.

ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى ئەجەپلەندۈگەن بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەت يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە يېقىندا رادىئومىزغا بايانات بېرىپ:

"ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەقىقەتەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىيىتى بولسا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە خىزمەتكە ئالمايدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىگىلىتىپ ئەكسىچە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدۇ ؟ بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېزلىتىش ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى، قارشىلىق قىلىشى كېرەك" دېگەن ئىدى.

ئەمما، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشىگە كۆنمىگەن دېھقانلار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تۈرلۈك بېسىملار بىلەن مەجبۇرلىشىغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.