قەشقەر ئۇچۇرلىرى تورىدا 22 -مارت ئىلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىن كەلگەن 200 نەپەر ئۇيغۇر قىز خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسى پىڭخۇ ناھىيىسى جىنپىڭ كىيىم- كېچەك شىركىتىگە نىمكار ئىشلەشكە توشۇپ كېتىلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ قىزلارغا ئالدى بىلەن بىر ئايدىن كۆپرەك خىتايچە ئۆگىتىلگەن ۋە كىيىم تىكىش تەربىيىسى بېرىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، بۇ قىزلار خىتايغا يولغا چىقىش ئالدىدا، قىزلارغا نوپۇسىنى شەھەرگە يۆتكەش ۋە ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ھاشارلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرىسىدا ۋەدىلەر بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 19 - مارت 110 نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى يوپۇرغا ناھىيىسىدىن خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىدىكى بىرقانچە شەھەرلەرگە توشۇپ كېتىلگەن. بۇ ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى 18 دىن 25 ياشقىچە ئىكەن. بۇلارغىمۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى خىتايچە ئۆگىتىلگەن ۋە باشقا كەسىپ تەربىيىلىرى ئىلىپ بېرىلغان.
رادىئومىز مۇخبىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىسىگە توشۇپ كېتىلگەن قىزلار ئېزىلىشكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارغا ناھايتى قىسقا دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىلىپ توختىماي ئىشقا سېلىنغان. ھەتتا دەم ئالماي ئىشلەشكە قوشۇلمىغان قىزلارنى ئىش باشلىرى ئۇرغان ئىكەن.
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ داۋاملىق خورلۇققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەركەت قىلماقتا. (جۈمە)