يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىن 330 نەپەر ياش خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەشكە توشۇپ كېتىلگەن
قەشقەر ھۆكۈمەت تورىنىڭ 2- ئارىلىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 3- ئاينىڭ 31- كۈنى قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىن 330 نەپەر ياش خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىگە نىمكار ئىشلەشكە توشۇپ كېتىلگەن.
3- ئايدىن بۇيان يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىن 3 تۈركۈم، جەمئىي 564 ئادەم سىرتتا ئىشلەشكە يولغا سېلىنغان. بۇ نۆۋەت، 3- ئاينىڭ 31- كۈنى چىڭداۋغا يولغا سېلىنغان ياشلار ئاساسەن، يېڭى شەھەر بازىرى، باغچا يېزىسى، قومۇش ئېرىق يېزىسى ۋە خانئېرىق بازىرىدىن كەلگەن ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2006-يىلى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىن سىرىتقا يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن ئادەم سانى 36 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇ يىل يېڭىشەھەر ناھيىسى سىرتتا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەيدىغان يەنە 8000 ئادەم چىقىرىشنى پىلانلىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 4000 ئادەم خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئىلىدىن خىتايغا يۆتكەلگەن ئىشلەمچى ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قىزلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان ئىدى.
ھەتتا بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىكى ئەڭ غالجىر سىياسەتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىغان.
ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ رەھىمسىز رېئاللىقنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۇش ۋە بۇ قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە بەخىتسىز قىسمەتلەرگە يولۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يەكەن ناھىيىسىدىن 500 نەپەر قىز خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە بىر تۈركۈم قىزلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلدى
- قەشقەردىن 240 مىڭ ئايال سىرتقا يۆتكەپ كىتىلگەن
- يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشچى بولۇشقا يولغا سېلىندى
- پىچان ناھىيىسىدىن 167 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئىچكىرى خىتايغا ئېلىپ كېتىلدى