خىتاي ھۆكۈمىتى كىلەر يىلى 3000 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى خىتاي شەھەرلىرىدە تەربىيىلىمەكچى
2004.09.02
ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى كىلەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئەۋەتىدىغان مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى 3000 گە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن تاللانغان مىللى ئوقۇغۇچىلارنى بېيجىڭ ،شاڭخەي قاتارلىق 24 شەھەرگە ئەۋەتىپ، خىتايچە ئوقۇتىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلىدىن باشلاپلا، خىتايلارنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى بىر قىسىم نامرات رايۇنلاردىكى مىللى ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە، خىتاي تىلىدا تەربىيىلەشنى يولغا قويغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر تەدبىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى 1500 دىن ئارتۇق تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن مىللى ئوقۇغۇچىلار، خىتاي شەھەرلىرىگە ئوقۇشقا ماڭغان. ھازىر خىتاينىڭ 12 شەھىرىدىكى 15 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سانى 6700 گە يىتىدىكەن.(ئارزۇ)