ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى تەبرىكلەندى


2004.09.21

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى پارتىيە مەكتىپى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 9 -ئاينىڭ 20 - كۈنى مەركىزى بېيجىڭدىكى پارتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىنغا قاتناشقان كاتتىۋاشلار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ دىڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە " ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش" مۇھىم ئىدىيىسى ئارقىلىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەشنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ۋاڭ لېچۈەن، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ 50 يىلدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ بەرگەنلىكىگە ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە "ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى سىياسىي كۆز قارىشىنى كۈچەيتىشى ھەرقانداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە باشتىن - ئاخىر مېڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى كېرەك" دېگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، 50 يىلدىن بۇيان مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپى تۈرلۈك تەربىيىلەش كۇرسىدىن 45 قارار ئېچىپ، كادىرلاردىن 2 مىڭ 285 ئادەم (قېتىم) تەربىيەلەپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خىتاي بولمىغان مىللەت كادىرلىرى 1 مىڭ 882 گە يېتىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رېشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي بولمىغان مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ ئوقۇتۇشتىكى مەقسىتى، ئۆز خەلقىنى باستۇرالايدىغان يەنى ئۆز قولى بىلەن ئۆزىنى ئۇرالايدىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىدىغان بىر تۈركۈم چاپارمەنلەرنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتتى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.