ۋاڭ لېچۇئەن قوش تىللىق مائارىپنى چىڭ تۇتۇشنى قايتا تەكىتلىدى

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى سىياسىي بىيورو ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇئەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مائارىپ ئىدارىسى سېكرىتارلىرى ۋە باشلىقلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان ئۆگىنىش كۇرسىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مائارىپقا تايىنىدىغانلىقى، مائارىپنىڭ ئاساسىي ۋە مۇھىم نۇقتىسى بولسا، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاز سانلىق مىللەت قوش تىللىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يارىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

" شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" بەرگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىغىنغا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى ۋە مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى نۇر بەكرى قاتناشقان.

ۋاڭ لېچۇئەن يىغىندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قوش تىلدا يېتىشكەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئاممىنى خىتايچە ئۈگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا خىتايچە ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا ئىسمايىل تىلىۋالدى مائارىپ سېستىمىسىدىكى بارلىق كادىرلارغا بىر يۈرۈش تەلەپ ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما خەۋەردە ئۇنىڭ تەپسىلاتى بېرىلمىگەن.(پەرىدە)