ۋاڭ لېچۈئەن مائارىپ ساھەسىدىكى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى
2004.12.01
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا تەيىنلىگەن پارتكوم باش سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن مائارىپ سېپىدە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە ئېچىلغان ئاڭ ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، " ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئالاقىدار ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە ئىشلەش كېرەك ، بولۇپمۇ مائارىپ سېپىنى چىڭ تۇتۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى ئالاھىدە كۈچەيتىش كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن. بىراق ۋاڭ لېچۈئەن داۋاملىق تۈردە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى تىلغا ئالمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىدىيىۋى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ھەر قانداق مىللىي ھېسسىيات ۋە مىللىي غورۇرنى گەۋدىلەندۈرىدىغان پىكىر - ئىقىملارغا زەربە بېرىپ كەلگەن ئىدى.
چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرىشىمۇ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالى مەكتەپلەردە دەرسلەر پۈتۈنلەي خىتايچە ئۆتۈلمەكچى
- ۋاڭ لېچۈئەن قىرغىزىستاندىكى زىيارىتى ھەققىدە تاختالدى
- ۋاڭ لېچۈەن قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- ۋاڭ لېچۇەن قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلماقچى
- ۋاڭ لېچۇئەن قوش تىللىق مائارىپنى چىڭ تۇتۇشنى قايتا تەكىتلىدى
- بىڭتۈئەن قومداندانى، بىڭتۇئەننىڭ كېڭەيتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- "بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىدە خىتاينىڭ "غەربنى ئېچىش" سىياسىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئاشكارە قىلىندى
- ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى تەبرىكلەندى
- شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى
- ئۇيغۇر ئىلىدىكى پاختىلارنى كىم ئۈزىدۇ ؟