خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يەنە بىر خىتاي مۇئاۋىن رەئىسىنى قوشتى


2005.03.30

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سەيشەنبە كۈنىدىكى 16 - قېتىملىق يىغىنىدا، چېن لېينى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىكە تەيىنلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ سانى 10 غا يەتتى.

51 ياشلىق چېن لېي بېيجىڭلىق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشنىڭ ئالدىدا، خىتاي سۇ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنتى سەنشيا قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 10 مۇئاۋىن رەئىسنىڭ 6 سى خىتاي بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئەمەلدارلار قاتلىمىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.