بۇ يىل ئىچكىرىگە ئەۋەتىلىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئۈچ مىڭدىن ئاشىدىكەن
2005.04.12
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 3115 بولۇپ، 2004 - يىلغا قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپەيتىلگەن.
مائارىپ نازارىتى، ھازىرغا قەدەر ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەرگە 5 قارار تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەۋەتتى. تۇنجى قاراردا مىڭ ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، 2004 - يىلدا 1540 نەپەر ئوقۇغۇچىنى يوللىغان شۇنداقلا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلىدىغان شەھەرلەرنىڭ سانىنى 12 دىن 25 كە كۆپەيتكەن. بۇ شەھەرلەر ۋۇخەن، چاڭچۈن، خاربىن، شامىن، يەنتەي، ۋېيخەي، جاڭمىن، جىنجاڭ، ياڭجۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىچكىرىگە بارغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىشىنى شۇنداقلا دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكى بويىچە ياشىشىنى چەكلەيدىكەن. ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلار يەرلىكلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 2004 - يىلى ئەۋەتىلگەن 1540 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 70 نەپىرىنى بىڭتۈئەنلىكلەر، قالغىنىنى يەرلىكلەر ئىگىللىگەن.
خىتاي دۆلەت كابىنتى ۋە مەركىزى كومىتېت، 1999 - يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە "شىنجاڭ سىنىپى" قۇرۇش توغرىسىدا ھۆججەت چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ زۇۋانى "شىنجاڭ گېزىتى" خىتاي دائىرىلىرىنىڭ " شىنجاڭ سىنىپى" قۇرۇش توغرىسىدىكى ھوججىتىنى " ئىنتايىن زور ئىستراتېگىيىلىك قارار،" دەپ ئاتىغان. ئامما بۇ سىنىپلار چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىد، " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش 'شىنجاڭ سىنىپى' قۇرۇش قارارى ئۇيغۇر بوغۇنلىرىنى مانقۇرتلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى،" دەپ ئەيىپلىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى" دە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار جازالانماقتا
- خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى " شىنجاڭ سىنىپى" كىنو فىلىمى قىلىپ ئىشلەنمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىكى كوچا ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن "نەتىجىلىرى" دىن ماختانماقتا









