ۋاڭ لېچۈەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشكە چاقىردى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كومپارتىيە سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق غەربكە ياردەم بەرگۈچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پروگراممىسىنىڭ مۇكاپاتلاش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىچكىرىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى شىنجاڭغا كۆپلەپ كېلىشكە چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ جايدا ئىستىقبالىنىڭ زورلۇقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەربكە ياردەم بېرىش پروگراممىسى 2003-يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 1379 ئوقۇغۇچى بۇ پلان بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەلگەن. بۇ يىل خىتاي ئىتتىپاق كومىتېتى يەنە 818 ئادەمنى ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن ئىكەن.

مەزكۇر مۇكاپاتلاش يىغىنىدا سۆز قىلغان ۋاڭ لېچۈەن ئەگەر ياردەم بەرگۈچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن كىم ئىككى يىل ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئۆگىنىپ، ئادەتتىكى تۇرمۇش تىلىنى ئىگىلىسە ئۇنى ئاپتونوم رايوننىڭ رەسمى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى سۈپىتىدە ئىشقا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۇرتى شەندوڭ ئۆلكىسىدىن 300 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بىراق، ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشكە چاقىرىۋاتقاندا، ھەر يىلى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمايدۇ، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. (ئۈمىدۋار)