ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپى كۈچەيتىلمەكتە

ئۇيغۇر دىيارىدا چىقىدىغان ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يولغا قويۇلىۋاتقان "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" پىلانى بويىچە، كېلەر يىلىدىن باشلاپ، مەزكۇر سىنىپلارغا ھەر يىلى 5 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، 2010 ‏-يىلىغا كەلگەندە ئوقۇغۇچىلار سانىنى 20 مىڭغا يەتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1999 ‏- يىلى 9 ‏- ئايدا، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، تىيەنجىن قاتارلىق چوڭ 12 شەھىرىدە " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16 ‏-فېۋرال كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۈر قارارى بويىچە، "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" ئېچىلغاندىن بۇيان، بۇ سىنىپقا 6 قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى"ئېچىلىپ ھازىرغا قەدەر ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 7مىڭ 695 كە يەتكەن، بۇنىڭدىن سىرت خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، بۇنىڭدىن كېيىن "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" ئېچىلغان 12 شەھەرنى كۆپەيتىپ 25 شەھەرگە يەتكۈزۈشنى، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئاچقان مەكتەپنى ئەسلىدىكى 15 دىن 35 گە كۆپەيتىشنى قارار قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپى قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋاتقانلىقىنى، " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" نى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش، مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولۇدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org