جياڭسۇ "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى


2006-05-11
Share

خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ يېقىندا مەلۇم قىلىشىچە، ئۇلار بۇ يىل " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" غا ئۇيغۇر ئېلىدىن قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن كۆپەيتىدىكەن. خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى قۇرۇش ئىشلىرى دەسلەپ باشلانغاندا، جياڭسۇ ئۆلكىسىدە شىنجاڭ سىنىپىدىن 3 ئى بار ئىدى. لېكىن ئۆتكەن يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسى بۇنى كېڭەيتىپ 7 سىنىپقا ئاشۇرغان. شۇنداقلا بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى 560 قا يەتكۈزىدىكەن.

جياڭسۇ ئۆلكىسىدە ئېچىلغان "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى خىزمەت يىغىنى" دا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇ قىلىش سانىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، 2007‏- يىلىغا بارغاندا يىلىغا 720 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىدىغان ھەمدە كەلگۈسىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ پۈتۈن مەكتەپتىكى ئومۇمىي كۆلىمىنى كېڭەيتىپ 2880 ئوقۇغۇچىغا يەتكۈزۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلەش مەقسىتىدىكى "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" نى ئېچىش پىلانى 2000‏- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 3075 ئوقۇغۇچى بۇ سىنىپلارغا قوبۇل قىلىنغان. تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 55% ئى يېزىلاردىن كەلگەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەن. شۇنداقلا مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانى بولسا، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى 90% كە يەتكۈزۈش ئىكەن.

خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، بەزىلەر بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى دەپ ئەيىبلىمەكتە. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت