خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە


2006-08-10
Share

خىتاي تىلىنى پىششىق ئىگىلەش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە، نەتىجىگە ئېرىششىنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئايلانماقتا. قەشقەر خەۋەر تورى يېقىندا ، " قەشقەر گۈزىلى" نى تاللاش مۇسابىقىسىدا، گۈلنار ھامۇت بىلەن زۇمرەت مەمەت ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ "گۈزەللىك چېمپىيونى " شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، قەشقەر پېداگوكىكا ئىنىستىتۇتى، ئاخبارات كەسپىنىڭ 2 ‏- يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلنار ھامۇتنىڭ، كىچىكىدىن خىتاي تىلى ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، نۇرغۇن خىتاي دوستلىرىنىڭ بارلىقى، شۇڭا خىتاي تىلىدا سۆزلەشكە ئىنتايىن ماھىر ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەرىپلەنگەن بولۇپ، ئۇ تىلغا ئېلىنغان ئەۋزەللىكلىرى بىلەن باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر دىيارىدا مائارىپنى خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر بالىلارغا كىچىكىدىن خىتاي تىلى ئۆگىتىش ھەتتا ھەر يىلى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ ئوقۇتۇش ئوخشاش بىر قاتار تەدبىرلەرنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر مىللەتنىڭ تىلىنى يوقىتىش، شۇ مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ھېسابلىنىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت