نۇر بەكرى "مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمىز"، دېدى


2006.12.17

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئۈچ ئاي جىددى داۋاملاشقان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ "جۇڭخۇانى سۆيىمەن" تېمىسىدىكى خىتايچە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىپ 15 - دېكابىر جۈمە كۈنى، ئۈرۈمچىدە تاللانغان خىتاي تىلى بوغۇنلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكومىنىڭ مۇاۋىن سېكرېتارى نۇربەكرى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا خىتايچە مائارىپنى كۈچەيتىش، خەلقنى باي قىلىش، خەلقنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىشنىڭ ئاساسى دەپ سۆزلەپ "بىز مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بوشاشماي ئاخىرغىچە ئېلىپ بارىمىز"، بولۇپمۇ بالىلاردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىش كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن. شۇنداقلا بۇ خىلدىكى بالىلارنى خىتايچىنى ياخشى ئۆگىنىشكە، خىتايچىنى ياخشى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان مۇسابىقە پائالىيەتلەرنىڭ قوش تىللىق مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغان بوغۇنلارنى تاللاش مۇسابىقىسىغا بەش ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ھەم ئۆسمۈرلىرى قاتناشتۇرۇلغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ سىياسىتىنى، قوش تىللىق مائارىپ دەپ ئاتاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل مائارىپ سىياسىتى پەقەت ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغىلا قارىتىلغان بولغاچقا ئۇيغۇرلار بۇنىڭ مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىدىن نارازى بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپىنىڭ يۈرگۈزىلىشىگە قارشى چىققان ياكى نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسىنى مۇشۇ باھانە بىلەن خىزمەتتىن قالدۇرغان. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.