خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.29
2008.05.29
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ دوكلات بېرىش ئۆمەكلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەزكۈر جايلىرىغا بېرىپ، كوممۇنست ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى ئۆگىتىش ھەققىدە قىلغان گەپلىرىنى، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا غەمخورلۇق قىلغانلىق دەپ تەشۋىق قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىشلىتىشكە تېگىشلىك بارلىق چارىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلغان " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى" نى خىتايغا يۆتكەش، ياش ئۆسمۈر ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى، ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئوقۇتۇش، ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان "پىلانلىق تۇغۇت" سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ چارىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.