ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئۇختۇرۇش چىقىرىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى 17 ئاساسلىق كوچىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. يۇقىرىقى كوچىلارنىڭ كونا ئىسمى دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ رەسمى ئەمەلدىن قالغان.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن كوچىلارنىڭ 12 سىگە خىتايچە ئىسىم قويۇلغان، قالغان بەش كوچىنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىسىملار بىلەن ئاتالغان. قەشقەر شەھەرلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن پويىز ئىستانسىسىغىچە بارىدىغان يولغا تيانشان شەرقىي يولى، دەپ نام بېرىلگەن شۇنداقلا ئايدۇرۇمدىن يېڭى مىھمانخانىغىچە بولغان ئارلىقنى جىچاڭ يولى، دەپ ئاتىغان.
قالغان كوچىلارغا قۇرۇلۇش يولى، شىنچىڭ شىمالى يولى، شىنچىڭ جەنۇبىي يولى، بانچاۋ يولى قاتارلىق ئىسىملار قويۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە جۇغراپىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان مىللىيچە ئىسىم قويۇلغان كوچىلار مۇزتاغ يولى، ئارسلانخان يولى، ئىپارخان كوچىسى ۋە شۇنداقلا تارىم يولى قاتارلىق كوچىلاردىن ئىبارەت.
قەشقەر ئۇيغۇر مەدىنىيىتى، تارىخى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقى يۈزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قەدىمىي شەھەر. ئىلگىرى قەشقەردىكى يەر ناملار شۇنداقلا كوچا - كويلارنىڭ ئىسىمى ئۇيغۇرچە ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قەشقەردىكى مەھەلە ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ئېنسىرەيدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن "نەتىجىلىرى" دىن ماختانماقتا
- ۋاڭ لېچۈئەن مائارىپ ساھەسىدىكى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى
- كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالى مەكتەپلەردە دەرسلەر پۈتۈنلەي خىتايچە ئۆتۈلمەكچى
- ۋاڭ لېچۇئەن قوش تىللىق مائارىپنى چىڭ تۇتۇشنى قايتا تەكىتلىدى
- بىڭتۈئەن قومداندانى، بىڭتۇئەننىڭ كېڭەيتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- "بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىدە خىتاينىڭ "غەربنى ئېچىش" سىياسىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئاشكارە قىلىندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپەت رايونى ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە
- ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى تەبرىكلەندى