"شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى باش دۇكىنى" نىڭ مۇدىرى 100 مىڭ يۇەن خىيانەت قىلغان

شىنخۇا تورىنىڭ 7 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى "شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقىرى باش دوكىنى"نىڭ مۇدىرى تيەن جاشىننىڭ 100 مىڭ يۇەنلىك خىيانەت دېلوسىنى قايتىدىن سوراشقا باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تيەن جاشىن 2002 ‏- يىلى 2 ‏- ئايدا "زىننەت بۇيۇملىرى شىركىتىگە دۇكان قىلىدىغان ئورۇن ئىجارىگە بېرىلدى" دېگەن نام بىلەن 70 مىڭ يۇەن ئېلىپ خىيانەت قىلغان؛ 2003 ‏- يىلى 5 ‏- ئايدا يەنە خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يالغان سوغۇرتا چىقىمى مەلۇم قىلىپ 37 مىڭ 599 يۇەن خىيانەت قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە تيەن جاشىن ھېچنىمىگە ئىقرار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما سوت مەھكىسى 2006 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى بىرىنجى قېتىملىق سوراقتىلا "خىيانەت قىلدى" دېگەن جىنايى نام بىلەن ئۇنىڭغا 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ئىكەن. تيەن جاشىن ھۆكۈمگە قايىل بولماي 7 ‏- ئايدا ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قايتىدىن سوراشقا باشلىغان. بۇ قېتىم جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى نەق دەلىل -پاكىتلارنى سوتتا ئوچۇق كۆرسەتكەن. بۇ دېلو ھازىر قايتىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن. (ۋەلى)