ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى خىزمەتكە تاللاش پەرقى ئىنتايىن چوڭ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىقتىساسلىقلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە 7000 دىن ئارتۇق كىشى رىقابەتكە قاتنىشىپ، 5300 خىزمەت ئورنىنى تالاشقان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 23 ‏- فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۈر پائالىيەتتە رىقابەتكە قاتناشقان ستۇدېنتلار، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئايلىق مائاشىنىڭ ئاز دېگەندە 1100 سومدىن 1200 سومغىچە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىستانسىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تېلېفۇن ئارقىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خېلى ئۇزۇندىن بېرى مودىغا ئايلىنىپ قالغان ئىقتىساسلىقلارنى بىر - بىرى بىلەن رىقابەتلەشتۈرۈپ تاللاش پروگراممىسىغا ئادەتتە، پەقەت ئالىي مەكتەپلەرنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرگەن شۇنداقلا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن سالاھىيەتتىكىلەر قاتنىشالايدىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پروگرامما پەقەت ئاپتونوم رايوندىكىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاپتونوم رايونغا تەكلىپ قىلىنغان ئىقتىساس ئىگىلىرى، ئاز دېگەندە 5000 سوم ئەتراپىدا مائاش ۋە ئازادە تۇرالغۇ ئۆي شۇنىڭدەك تۈرلۈك تەمىنلەش ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمەن بولۇدىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ، مىللەتلەر ئارىسىدا شەكىللىنىۋاتقان بۇ پەرقلەردىن ئىنتايىن نارازى بولماقتا. (ئەقىدە)