بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىڭ 500 گە يېقىن مەمۇرى خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ
2006.02.28
خىتاي تور بەتلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 27 - فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مەمۇرلىرىنى ئېمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جەمئىيەتتىن 2 مىڭ 500 گە يېقىن دۆلەت مەمۇرى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان.
مەلۇماتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، باج، سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش سېستىمىلىرى شۇنداقلا جەنوبتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا - بازار ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىگە قوبۇل قىلىنىدىغان كادىرلارنىڭ سانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە، ساقچى تارماقلىرىغا 902 نەپەر ۋە يېزا - بازار مەمۇرلىقىغا 700 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، مۇلاھىزىچىلەر بۇنىڭ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يېزا - بازار ئاساسىي قاتلام ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئەسلىدىكى مىللىي نىسبەت بويىچە دۆلەت مەمۇرى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئېمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش چارىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، بۇ خىل ساختا ئۇسۇلنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر كادىرلارنى سىقىپ چىقىرىپ ئورنىغا خىتاي ئېلىش تەدبىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەشمەكتە. (ئىلتەبىر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى خىزمەتكە تاللاش پەرقى ئىنتايىن چوڭ
- ئۇيغۇر ئېلىدە تالانتلىقلار بازىرى پائالىيەت باشلىدى
- ئۈرۈمچى شەھىرىدە 51 كەسپىي ئورۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان
- خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت قىلىش چەكلىمىسى بىكار قىلىنىدۇ
- ۋاڭ لېچۈەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشكە چاقىردى