يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرى يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ياللانما ئىشچىلىققا ماڭماقتا


2006-11-26
Share

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ يەرلىك خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرىنى چوڭ شەھەرلەردىكى زاۋۇت كارخانىلارغا ياللانما ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئىلى تەۋەسىدىلا 71 مىڭ دېھقان قىز ئاياللىرى سىرتلارغا ياللانما ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

قەشقەرنىڭ پەيزىۋات، مارالبېشى قاتارلىق ناھىيىلەردىن نەچچە يۈز نەپەر قىز بۇ يىل -9 ئايدا تەنجىن، بېيجىڭ جېجياڭ، ھەمدە جاڭسۇلاردىكى زاۋۇتلارغا ياللانما ئىشچىلىققا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى زاۋۇت كان كارخانىلارمۇ خوتەن قەشقەر ھەمدە غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى دېھقان قىز ئاياللارنى ئىشلىتىشكە دىگۋار لاشماقتا ئىكەن.

ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياش قىز ئاياللىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىش باھانىسىدا تۈركۈملەپ يۆتكىشىنىڭ مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەركەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ساددا دېھقان قىز ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ياللىغان ئورۇنلارنىڭمۇ ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىغا ئىش ھەققىنى ئادەتتىكى ئىشچىلىرىغا قارىغاندا ئاز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت