ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باھار شامىلى ھەرىكىتى باشلانغان
2007.04.11
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۈرۈمچى، قۇمۇل پويىز ئىستانسىلىرىدا يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كىرىدىغان ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان پونكىتلارنى قۇرغان. ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇنداق كىشىلەر ئۈچۈن 521 ئورگان ياكى شىركەتتە 32 مىڭ كىشىلىك خىزمەت ئورنى تەييارلانغان. ئۇلار قوبۇل قىلىنغاندىلا قولىغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن "باھار شامىلى كارتى' ۋە 'ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش بۇيۇملىرى' تارقىتىپ بېرىلىدىكەن. 'باھار شامىلى ھەرىكىتى' دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەت 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.
ئەمما، يېقىندىن بۇيان رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۇيغۇرلار ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە ئېغىر مىللىي كەمسىلىتىشكە ئۇچراۋاتىدۇ؛ ئەگەر ئۇيغۇرلار ئىشقا ئېلىش ئېلانى چىقارغان ئورگان ياكى شىركەتلەرگە بارسا "مىللىيلەر ئېلىنمايدۇ" دەپ رەت قىلىنىدۇ؛ خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مەخسۇس ۋەزىپە چۈشۈرۈپ، يېزىلاردىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنى ھەمدە مەخسۇس توي قىلمىغان قىز بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈپ بېرىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلماقتا. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە، جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەر كۆپەيمەكتە
- يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرى يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ياللانما ئىشچىلىققا ماڭماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدە تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلمەكتە
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 مىليوندىن ئارتۇق ئەمگەكچى ئىشسىز تۇرسىمۇ، بۇ يىل ئىچكىرىدىن 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەمچى كېلىپ ئىشلىگەن
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكتە