ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باھار شامىلى ھەرىكىتى باشلانغان


2007.04.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۈرۈمچى، قۇمۇل پويىز ئىستانسىلىرىدا يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كىرىدىغان ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان پونكىتلارنى قۇرغان. ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇنداق كىشىلەر ئۈچۈن 521 ئورگان ياكى شىركەتتە 32 مىڭ كىشىلىك خىزمەت ئورنى تەييارلانغان. ئۇلار قوبۇل قىلىنغاندىلا قولىغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن "باھار شامىلى كارتى' ۋە 'ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش بۇيۇملىرى' تارقىتىپ بېرىلىدىكەن. 'باھار شامىلى ھەرىكىتى' دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەت 4 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.

ئەمما، يېقىندىن بۇيان رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۇيغۇرلار ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە ئېغىر مىللىي كەمسىلىتىشكە ئۇچراۋاتىدۇ؛ ئەگەر ئۇيغۇرلار ئىشقا ئېلىش ئېلانى چىقارغان ئورگان ياكى شىركەتلەرگە بارسا "مىللىيلەر ئېلىنمايدۇ" دەپ رەت قىلىنىدۇ؛ خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مەخسۇس ۋەزىپە چۈشۈرۈپ، يېزىلاردىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنى ھەمدە مەخسۇس توي قىلمىغان قىز بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈپ بېرىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.