ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىدارە، جەمئىيەتلەرگە خىزمەتچى ئالغاندا دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارنى تاللاش تەلەپ قىلىنغان


2007.12.26

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا چۈشۈرگەن بىر ھۆججىتىدە، يەرلىك دائىرىلەردىن ئىدارە ‏- جەمئىيەتلەرگە تېخنىك ياكى خىزمەتچى خادىملارنى قوبۇل قىلغاندا دىنغا ئىشەنمەيدىغان، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغان كىشىلەرنى تاللاشنى تەلەپ قىلغان.

2007 ‏- 7 نومۇر، دەپ بەلگە قويۇلغان "ئىدارە ‏- جەمئىيەتلەرگە خىزمەتچى ۋە تېخنىك خادىملارنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە" نى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى، كادىرلار نازارىتى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىقلار نازارىتى ھەمدە مالىيە نازارىتى قاتارلىق ئورگانلار تۈزگەن بولۇپ، ھۆججەتتە خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغۇچىنىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى بىلىشى تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، ئۇنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە تەۋرەنمەي قارشى تۇرىدىغان كىشىلەردىن بولۇشىنى، جۈملىدىن دىنغا ئىشەنمەيدىغان شۇنداقلا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغان كىشىلەردىن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن ھۆججەتتە دىنىي پائالىيەتلەر قايسى دىنىي ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن بولۇپ، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامىزى شۇنداقلا جىنازە نامىزىغا قاتناشقان بىر كىشىنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتناشتى، دەپ قارىلىدىغان ياكى قارالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاي ئاساسىي قانۇنى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى بوغۇلۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ، بۇ بەلگىلىمە خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا ئاشكارا خىلاپ بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە "ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىنى توسايدىغان كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكىدۇر"دەپ ئەيىبلىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.