ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى بىر دۇكاننىڭ دەرىزىسىگە مۇنداق بىر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چاپلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا "دۇكان خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ، خەنزۇ ، بەلكى باشقا جايلاردىن كەلگەن بولسا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىلىدۇ" دەپ يېزىلغان.
بۇ ئېلاننىڭ يېنىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇننىڭ تېلېفون نومۇرىمۇ يېزىپ قويۇلغان. ئۈرۈمچىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە خىتايچە يېزىپ چاپلانغان بۇ ئېلاننىڭ فوتو نۇسخىسىنى ھازىر ئىنتېرنېتتىن كۆرگىلى بولىدۇ. (ۋەلى)