خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئېتىراپ قىلدى
2008.04.02
خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خوتەندە بىر چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى 'توپىلاش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى' دەپ بېكىتكەن.
شۇنداقلا بۇ ۋەقەنى 'مىللىي بۆلگۈنچىلەر، تېررورچىلار، ئۈچ خىل كۈچلەر ۋەتەننى پارچىلاش ئۈچۈن كىشىلەرنى جېدەل چىقىرىشقا قۇترىتىپ پەيدا قىلغان' دەپ چۈشەندۈرگەن، ۋەقە جەريانىدا ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش يۈز بەرمىدى، بۇ ۋەقە داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، دەپ جاكارلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن بۇ چوڭ ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتچى ساقچىلىرى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە باستۇرغان.
رادىئومىز بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلاپ خەۋەر ئېلان قىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنىڭ راس يۈز بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە يۇقۇرىدىكىدەك بايانلار ئارقىلىق ئېتىراپ قىلدى. بۈگۈن بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ساقچىلىرى خوتەندە نامايىشچىلاردىن 600 كىشىنى قولغا ئالغان
- تىبەت نامايىشچىلار ۋاشىنگتوندا خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاش - كېسەك ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى
- د ۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت خوتەن ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرالىرىدا "چېگرا مۇداپىئەسى 110 " ناملىق قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
- خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خوتەندە ئۇيغۇر ئاياللار نامايىش ئۆتكۈزگەن
- خوتەن ۋادىسىدىكى يەر تەۋرەش ھازىرغىچە 889 قېتىم داۋاملاشتى
- كوسوۋادا ب د ت تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرى بىلەن سېربلار توقۇنۇشتى
- خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
- تىبەتتىكى توقۇنۇشلار كېڭەيمەكتە
- غەرب ئەللىرى خىتاينى لخاسادىكى توقۇنۇشتا خىتاينى كۈچ ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى
- بېيجىڭ : ئولىمپىك مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويدى









