خىتاي ساقچىلىرى خوتەندە نامايىشچىلاردىن 600 كىشىنى قولغا ئالغان


2008.03.31

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 23 ‏ - مارت يەكشەنبە كۈنى خوتەن شەھىرىدە 600 نەپەر كىشى خوتەننىڭ لوپ قاتارلىق ناھىيىلىرىگە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس قاتناش تۈگىنىگە توپلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتسىز سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نامايىش 24 - مارت دۈشەنبە كۈنىمۇ ئوخشاش شەكىلدە داۋام ئەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار ئاساسەن ئاياللار بولۇپ، ئۇلار ئاپتوبۇس بېكىتىدىن خوتەن چوڭ بازار ئىچىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن، ئىلگىرىلەش جەريانىدا نامايىشچىلار توپىغا 400 چە كىشى قوشۇلغان بولۇپ، ئاخىرىدا نامايىشچىلارنىڭ سانى 1000 دىن ئېشىپ كەتكەن.

نامايىشچىلار چوڭ بازارغا كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى قورشاپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسىغان ھەمدە نامايىشچىلارنى تارقىلىپ كېتىشكە قىستىغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشچىلار قايتىشنى رەت قىلغان، كېيىن نامايىشنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى ئامما نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلۇپ ساقچىلارغا قارشىلىق بىلدۈرگەن.

نەتىجىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى خىتاي تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىنى تاقىشىپ كېتىپ قىلىشقان.

ۋەقەگە شاھىد بولغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلارنىڭ سانى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى شۇ كۈنى نامايىشچىلاردىن 400 كىشىنى، ئەتىسى يەنە 200 كىشىنى قولغا ئالغانلىقى مەلۇم.

نامايىشچىلار "قىيىن قىستاق توختىتىلسۇن!"، ياشىسۇن مىللي ئۆرۈپ - ئادەت!" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشقان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.