ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان خوتەن شەھىرىدە 25-ئاۋغۇست كۈنى قاش تېشى بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەننىڭ خىتاي ۋە دۇنياغا داڭلىق بايلىقى قاش تېشىنى ئاساسىي تېما قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىغا " ئېچىۋېتىلگەن خوتەن گۈزەل قاش تېشى پايتەختى دەپ " نام بەرگەن بولۇپ، تۆتىنچى قېتىملىق مەزكۇر قاش تېشى بايرىمى خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى ئىتتىپاق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر مەيدانغا 50-يىللاردا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ داھىيسى ماۋزېدوڭنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىشەككە مىنىپ سەپەرگە ئاتلانماقچى بولغان، كېيىن ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن قۇربان تۇلۇمنىڭ ماۋ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىۋاتقان ھەيكىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، كومپارتىيە تەشۋىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەيكەل خوتەن خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، ئىگىلىگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئارتىسلار مەزكۇر ھەيكەلنىڭ يېنىغا ياسالغان سەھنىدە ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلارنى ئورۇندىغان، خەۋەرلەردىن قارىغاندا، پائالىيەتكە تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى، كۈسەن سەنئەت بايرىمى، قوغۇن بايرىمى دېگەندەك تۈرلۈك ناملار ئاستىدا ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بايرام پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق ، ئۇيغۇرلارنىڭ كوم پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە باياشات ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان ئىكەن.
خوتەننىڭ قاش تېشىغا ئېرىشىپ، باي بولۇشنى مەقسەت قىلغان، ئىچكىرىدىن چىقىۋاتقان قاش تېشى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ خوتەندىكى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ساھىللىرىنى قېزىپ، ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى، نەتىجىدە، خوتەننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم. (ئۈمىدۋار)