خوتەندە ئۈچ بالا قاش تېشى كولاۋېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى


2007.12.13

11- دېكابىر كۈنى خوتەن ناھىيىسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسىدا ئۈچ بالا قاش تېشى كولاش جەريانىدا قازاغا ئۇچرىغان.

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، خوتەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ ئۈچ بالىنىڭ 9- دېكابىر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن،مەزكۇر يېزا ئەتراپىدىكى قاش تېشى كولانغان چوڭقۇر ئازگاللىققا چۈشۈپ، قاش تېشى كولاش جەريانىدا توپا بېسىۋېلىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن.

دەسلەپتە، بۇ ئۈچ بالا ئىز دېرەكسىز يوقالغان بولۇپ، ئىزدەش جەريانىدا ئۇلار توپا ئاستىدىن تېپىلغان ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بۇ ئۈچ بالىنىڭ قاش تېشى كولاش جەريانىدا توپا بېسىۋېلىپ قازا قىلغانلىقىنى رەسمىلەشتۈرگەن. ئەمما، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ئۈچ بالىنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقى قىياس قىلىنماقتا.

خوتەن دۇنياغا داڭلىق قاش تېشى ماكانى، قاش تېشى سودىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، يورۇڭقاش دەرياسى ۋادىسىنى قالايمىقان قېزىپ، قاش تېشى ئىزدەش بىر دولقۇنغا ئايلانغان بولۇپ، يورۇڭقاش دەرياسى ۋادىسى ۋە باشقا جايلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكى، بۇنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقىمۇ سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ ئۈچ بالىنىڭ قاش تېشىغا ئېرىشىش جەريانىدا ئەنە شۇنداق قالايمىقان كولانغان ئازگالدا ئۆلۈپ كېتىشى كىشىلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.