خوتەندە يوقاپ كەتكەن رۇسىيىلىك ساياھەتچىلەرنىڭ بىرى ھايات قۇتقۇزۇۋېلىندى
2007.09.21
خىتاي - رۇسىيە بىرلەشمە قۇتقۇزۇش ئەترىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا يوقاپ كەتكەن رۇسىيىلىك 6 نەپەر ساياھەتچىنى ئىزدەش ھەرىكىتى باشلاپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ساياھەتچىلەرنىڭ بىرى جۈمە كۈنى ھايات تېپىلدى. بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن قۇتقۇزۇش خادىملىرى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىن 3 نەپەر رۇسىيىلىكنىڭ جەسىتىنى تاپقان. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خادىملىرى قالغان 2 ساياھەتچىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلماقتا.
قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 3 - جەسەت تېپىلغان يەردىن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتا بىر ئادەمنىڭ پىيادە كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، تىك ئۇچار ئايرۇپىلان شۇ جايغا قونۇپ، يولۇچىنىڭ يوقاپ كەتكەن 6 نەپەر رۇسىيىلىك ساياھەتچىنىڭ ئىچىدىكى ئالېكساندىر زۋېرىف ئىسىملىك كىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. قۇتقۇزۇۋېلىنغان ساياھەتچىنىڭ قولىدا ھېچقانداق يۈك تاقىسى يوق بولۇپ، ئۇچىسىغا تەنتەربىيە كىيىمى كىيىۋالغان، پۇتىدىكى ئايىقى پۈتۈنلەي يىرتىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن روھى ھالىتى قۇتقۇزغۇچى خادىملار پەرەز قىلغاندىن ياخشىراق ئىكەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالېكساندىر زۋىرېف، شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا خوتەن شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ئىشخانا مۇدىرى، ئىلى ئىسمائىل، قۇتقۇزۇش خىزمىتى زۋىرېفنىڭ تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تاكى قالغان 2 نەپەر ساياھەتچى تېپىلغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەسلى رۇسىيىلىك ساياھەتچىلەر 9 - ئاينىڭ 6- كۈنى خوتەندە تەرجىمانى بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيىلىكلەر ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمىگەندىن كېيىن، تەرجىمان ئەھۋالنى شۇ جايدىكى ساياھەت ئىدارىسىغا مەلۇم قىلغان. خوتەن ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، رۇسىيىلىك تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ساياھەت ئىدارىسى تەشكىللىمىگەن شەخسى پائالىيەت، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى توغرىمۇ؟
- خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرى يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا
- تەڭرىتاغلىرىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى كېچىكلىمەكتە
- خىتاينىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى گۈللەنگەنسېرى ئۇيغۇرلار ئارقىدا قالماقتا
- قاناس رايونى ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن ۋايرانچىلىققا ئۇچرىماقتا
- خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇز تاغ ساياھىتىنى چەكلىدى
- قاناس چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بېرىشقا تېگىشلىك جاي دەپ باھالىنىپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى
- جەنۇبىي "شىنجاڭ" خەلقئارا ساياھەت بايرىمى قەشقەردە باشلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەدىمى يىپەك يولىغا مەبلەغ سالماقچى
- ب د ت قەدىمىي يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇشنى پىلانلىماقتا