خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خوتەندە ئاياللارنى يۈزىنى ئېچىۋېتىشقا مەجبۇرلىماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.27
2008.08.27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لوپ ناھىيىسىدە ئاياللارنى 'يېڭى دەۋر ئاياللىرىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ھازىر ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ھەر قايسى يېزا - كەنتلەردە، ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈپ، بېشىغا ياغلىق ئارتىپ، يۈزىنى يۆگىگەن ئاياللارنى ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، يۈزىنى ئېچىۋېتىشقا مەجبۇرلىماقتا.
دىلشات رېشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇنداق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر ھۆججەت چۈشۈرگەن. بۇ ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستىنى لوپ ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.