خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خوتەندە ئاياللارنى يۈزىنى ئېچىۋېتىشقا مەجبۇرلىماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈنكى باياناتىدا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەن رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-08-27
Share

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لوپ ناھىيىسىدە ئاياللارنى 'يېڭى دەۋر ئاياللىرىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ھازىر ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ھەر قايسى يېزا - كەنتلەردە، ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈپ، بېشىغا ياغلىق ئارتىپ، يۈزىنى يۆگىگەن ئاياللارنى ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، يۈزىنى ئېچىۋېتىشقا مەجبۇرلىماقتا.

دىلشات رېشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇنداق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر ھۆججەت چۈشۈرگەن. بۇ ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستىنى لوپ ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت