خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خوتەندە ئۇيغۇر ئاياللار نامايىش ئۆتكۈزگەن


2008.03.29

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى، ئودا ئىككى كۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن شەھىرىدە، ئۇيغۇر ئاياللار تەرىپىدىن نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىقى نامايىش، خوتەندىكى ئاتاقلىق قاش تېشى سودىگىرى، مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ تۈرمىدە قيىن -قىستاق نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئايال قاتناشقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نامايىشچىلار "تۈرمىلەردىكى قېيىن - قىستاقلار توختىتىلسۇن" ، "سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەردىن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان بالىلىرىمىز قويۇپ بېرىلسۇن"، "ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت كۆرستىلسون" دېگەنگە ئوخشاش، شۇئارلار توۋلىغان.

خوتەن ساقچى دائىرىلىرى، خوتەن شەھىرىدە بۇنداق بىر نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكىنى پۈتۈنلەي رەت قىلماقتا. ئەمما مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىنى جاۋاپلاندۇرغان خوتەندىكى نۇرغۇن كىشىلەر نامايىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

خوتەندىكى يىيان مېھمانخانىسىنىڭ بىر خىتاي كۈتكۈچىسى مۇخبىرىمىزغا بۇنداق بىر نامايىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىپ، "نامايىشچىلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئىدى. كۆپىنچىسى ئاياللار 600 گە يېقىن كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى. بىرىنچى كۈنى 400 ئەتراپىدا ۋە ئىككىنچى كۈنى بولسا 200 كىشى تۇتۇلدى. ساقچىلار مىھمانخانىمىزغا كېلىپ بىزگە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىسىم تىزىملىكىنى بەردى. ئەگەر ئۇلار مېھمانخانىغا كېلىپ قالسا، دەرھال ساقچىلارنى خەۋەرلەندۈرۈشىمىزنى بىلدۈردى" دېگەن.

يەنە خوتەندىكى بەزى كىشىلەر، نامايىشنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمما شەھەردە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقىنى ۋە ساقچىلارنىڭ خوتەن ئاھالىسىگە ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.