ئۈرۈمچىدە 35 نەپەر خرىستىئان مۇرىتى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى


2006.10.27

ساقچىلار يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى مارال كۆلى تەرەپكە توغرا كېلىدىغان بىر تاغلىق يېزىنى قورشاپ، مەزكۇر يېزىدا ئىنجىل كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان 33 نەپەر خرىستىئان مۇرىتى، بىر خرىستىئان مىسسىئونېر ۋە ئۇنىڭ تەرجىمانىنى تۇتۇپ كەتتى.

خەۋەر مەنبەئەسىدە ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى چىلىن يېزىسى، دەپ ئاتىغان. مەزكۇر كۇرس ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى بىر كورىيىلىك مىسسىئونېر تەرىپىدىن مۇرىتلارغا ئىنجىل توغرىسىدا تەلىم - تەربىيە بېرىش ئۈچۈن ئېچىلغان بولۇپ، ساقچىلار تۇتقۇنلارنى يوڭفېڭ بازىرىدىكى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى جوڭگو ياردەم جەمئىيىتى، دەپ ئاتلىدىغان خرىستىئان ئۇيۇشمىسى، ساقچىلارنىڭ سوراق جەريانىدا تۇتقۇنلارنى قىيىن - قىستاققا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ياردەم جەمئىيىتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىدىن خرىستىئان مۇرىتلىرىنى تېز ئارىدا قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى خىتاي جەمئىيىتى ۋە خىتاي دۆلىتىگە زىيان ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر جەمئىيەت تەمىنلىگەن ئىسىملىككە قارىغاندا ئىنجىل كۇرسىغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى خىتايلار بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.