ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرىدا ساقچىلار خرىستىئان مۇرىتلىرىنى تۇتۇپ كەتتى


2006.12.29

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى جوڭگو ياردەم جەمئىيىتى، دەپ ئاتلىدىغان بىر خرىستىئان دىنىي گۇرۇھىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، روژدېستۋا بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا 23 - دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرىدىكى ساقچىلار مەزكۇر بازاردا ئولتۇرىدىغان لو يۈەنچى ئىسىملىك خرىستىئان مۇرىتىنى يەنە تۇتۇپ كەتكەن.

جوڭگو ياردەم جەمئىيىتى، ساقچىلار ئۇلارنى روژدېستۋا بايرىمىدا كوللېكتىپ دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەپ تۇتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە لو يۈەنچى قورغاس ناھىيە بازىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولاپ قويۇلغان. لو يۈەنچى بۇ يىل 10 - ئاينىڭ - 20 كۈنى مەزكۇر ناھىيىدىكى خرىستىئان مۇخلىسلىرى ئۇيۇشتۇرغان كوللېكتىپ ئىبادەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ۋە 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

تېكساس شتاتىدىكى " جوڭگو ياردەم جەمئىيىتى" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خرىستىئان گۇرۇھلىرىنىڭ پائالىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ بىرى. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى رايوندا مۇسۇلمانلار شۇنداقلا سانى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپىيىۋاتقان خرىستيانلار مۇرىتلىرىنىڭ يەر ئاستى پائالىيىتىنى باستۇرسىمۇ، لېكىن خرىستىئانلارغا بىر ئاز يۇمشاق قول مۇئامىلە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.