خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەر ئاستى خرىستىئان ئېتىقادچىلار جامائىتىنى قولغا ئالدى


2005.12.28

روجدېستۋو بايرىمى كۈنى خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قانچە يەر ئاستى خرىستىئان ئېتىقادچىلار جامائىتى يىغىلىشىغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ، 12 نەپەر خرىستىئان مۇرىتىنى قولغا ئالدى.

ئامېرىكىدىكى "خىتايغا ياردەم ئويۇشمىسى" نىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 200 گە يېقىن ساقچى ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خادىمى 25‏- دېكابىر روجدىستۋا بايرىمى كۈنى ئۇيغۇر ئېلى سانجى تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيىسىدىكى بىر يەر ئاستى خرىستىئان ئېتىقادچىلار جامائىتى يىغىلىشىغا بېسىپ كىرگەن. بۇ يەردە 210 نەپەر خىرىستىئان مۇرىتى بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.

ساقچىلار بۇ يەردىكى 12 نەپەر دىنىي رەھبەرنى قولغا ئېلىشتىن سىرت يەنە، بۇ چېركاۋغا تەۋە 2 ماشىنا، بىر پىئانو، بىر دانە تېلېكامىرا، 80 دانە ئىنجىل قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ مۇسادىرە قىلغان. "خىتايغا ياردەم ئويۇشمىسى" نىڭ دىرېكتورى فۇ شچيۇ بۇ ۋەقەگە شاھىد بولغان بىر كىشى بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتىنى "قانۇنسىز دىنىي يىغىلىش" دەپ ئەيىبلىگەن.

ماناس ناھىيىلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا مەلۇم قىلىشىچە، ئۇلار ئەتىسى 7 كىشىنى قويۇپ بەرگەن، قالغان 5 ئى يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. بۇ ۋەقەدىن سىرت خىتاي ساقچىلىرى يەنە، روجدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى كورلىدىكى بىر يەر ئاستى خرىستىئان ئېتىقادچىلار جامائىتى يىغىلىشىغىمۇ بۆسۈپ كىرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.